تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى توكيو دىنىي ئىشلار باشقارما رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى توكيو دىنىي ئىشلار باشقارما رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 4-ئاۋغۇست توكيو دىنىي ئىشلار باشقارما رەئىسى، تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزى ۋە توكيو مەسچىتىنىڭ ئىمامى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد رېشىت ئالاسنى زىيارەت قىلدى.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن توكيو دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يېقىندىن قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئارىسىدا كۈچىيىشىگە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەت ئۇندىن باشقا يەنە ياپونىيە ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇسا مۇھەممەدنى زىيارەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2023 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق