سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

 

4-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان جەننەت كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزىدە سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ 2022-2023-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركەزلەردە ئوقۇۋاتقان 350 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەد ئۆمەر قارىھاجىم، پەخرىي رەئىسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم قىسقىچە ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى بىر يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكلات بېرىپ، مەركەزنىڭ كۈچەيتمە ۋە تولۇقلىما مائارىپ خىزمىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى تولۇقلىما مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانى پەرزەنتلەرگە مەكتەپلەردە بېرەلمىگەن ئۇيغۇر مىللىي ئېڭى ۋە دىنىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ مېڭىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار دۆلەت مەكتىپىدىن قايتقاندىن كېيىن ئۈچ سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرسلەر قۇرئان كەرىم، ئەخلاق تەربىيەسى، كومپيۇتېر بىلىملىرى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن سىرت، مەكتەپ دەرسلىرىنى كۈچەيتىش دەرسلىرىمۇ ئۆتۈلىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا تەبرىك سۆزى قىلىپ، مەركەز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مەركەزدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمان ۋە ئېتىقادنى ئاساس قىلغان، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەپكۇرىسىدىن تەركىب تاپقان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ پەخرىي رەئىسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ۋەقفىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن مەركەز ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن مەركەزدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت داۋامىدا ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان تۈرلۈك نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. پائالىيەت ئاخىرىدا تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇشلىرىدا تەقدىرنامە ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى ۋە شۇنداقلا سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى. پائالىيەت سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1424 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2023 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق