ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا

ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە ئالاھىدە ئىمتىياز تونۇيدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 370-ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنىغا دەل تۆت يىل بولغان بولۇپ، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان تۆت يىل ئىلگىرى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ئالاقىدار قانۇن ماددىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، رايوننىڭ نوپۇسى ۋە ئىگىدارلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى، دەپ تەنقىد قىلىنغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېڭى دېھلىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى رايونىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، قاتتىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئولتۇراق رايون قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا بۇ رايوندا 15 يىل تۇرغان ياكى ئۇ يەردە يەتتە يىل ئوقۇغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ رايوندا يەر ۋە خىزمەت ئىلتىماس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى يەنە كەشمىردە ئولتۇراقلىشىپ يەرگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە يەر بېرىشنى ئېلان قىلغان. ھىندىستاننىڭ بۇ سىياسىتى پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىيونلارنىڭ بۇ پىلانغا قارىتا گۇمانىنى قوزغاپ بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى قەستەن مۈجمەللەشتۈردى، دەپ ئەيىبلىگەن.

تەنقىدچىلەر ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «ھۆكۈمەت ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش» باھانىسى بىلەن، مەزكۇر رايوننى نامراتلار رايونىغا ئۆزگەرتىپ، بۇ رايوننىڭ نوپۇس ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. بۇ رايوندا ياشاۋاتقان مۇخبىرلار تەھدىت ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراش، تۇتۇپ تۇرۇلۇش، پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىمۇ بىخەتەرلىككە تەھدىت سالغانلىق باھانىسى بىلەن خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن. نۆۋەتتە كەشمىر رايوندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %18 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 12841 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2023 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق