تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى جىن ماتسۇبارا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 8-ئاۋغۇست ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى جىن ماتسۇبارا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەت سۆھبەت جەريانىدا جىن ماتسۇبارا ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ۋە ياپونىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ھەيئەت زىيارەت ئاخىرىدا ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

پارلامېنت ئەزاسى جىن ماتسۇبارا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پېشقەدەم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا مۇستەقىل دۆلەت مەسىلىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى پارلامېنت ئەزاسى ئىكەن.

ھەيئەت 7-ئاۋغۇست ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەت رەئىسى ئەھمەدجان لېتىپ ۋە ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە كەلگۈسىدە ياپونىيە ۋە خەلقئارادا داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

ھەيئەت 5-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مۇسۇل مۇھىتىنىڭ توكيودىكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1620 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2023 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق