تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 11-ئاۋغۇست مالايشىيادا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت يىغىنىنى ئاچتى.

ھەيئەت يەنە 11-ئاۋغۇست يەنە مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ABIM،  يەرشارى تىنچلىق ئەلچىسى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچى ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى.

بۇ جەرياندا ئۇلار بىلەن ئالدىنقى يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى (UMRO) تەشكىلاتى» نىڭ ئىدارە ھەيئەت يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇندىن باشقا يىغىلىشتا يەنە پىلاندىكى مالايشىيا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدە قىلماقچى بولغان پائالىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 3838 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2023 19:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق