تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادىكى پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

ھەيئەت 14-ئاۋغۇست مالايشىيادىكى يەرشارى تىنچلىق ئەلچىسى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچى ئەزالىرى بىلەن يىغىن ئاچتى. 

يىغىندا مالايشىيادا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ كەلگۈسىدە مالايشىيا تەۋەلىكىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مالايشىيادا 22 يىل باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ماھاتىر مۇھەممەد دەۋرىدىن باشلاپلا مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، تەشكىلاتلار بىرلىكى نۆۋەتتە ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ باش مىنىستىرلىقىدا بولغان مالايشىيادىمۇ ئىلگىرى بېسىلغان قەدەملەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئاساستا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەتمەكتە. نۆۋەتتە مالايشىيا مۇسۇلمانلىرى ھەمدە مالايشىيا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىسلامىي قېرىنداشلىق ئېڭى بىلەن يېقىنلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مۇسۇلمان قېرىنداش دۆلەت بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە مالايشىيا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىخەتەر دۆلەت بولۇشتىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى ۋە يېڭى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» (UMRO) مالايشىيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقۇسى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4231 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2023 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق