6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

 

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان نىھات يۈجەۋۇر پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن  6-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 18-ئاۋغۇست كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

بۇ نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە مۇسابىقىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى، ھىرا مائارىپى، نۇزۇگۇم جەمئىيىتى، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر مۇسابىقە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 8-ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان بولۇپ، 18-ئاۋغۇست كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ئەسلىدە ئۇدۇن كوماندىسى كوماندىلار ئىچىدە ماھارىتى ئۈستۈن كوماندىلاردىن بىرى بولۇپ، يارىدارلار كۆپ بولۇپ زاپاس ئەزالىرى بولمىغاچقا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئىمكانى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇسابىقىدىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئانا يۇرت كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

ئەينەك كوماندىسى بىلەن قەلبداشلار كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» نى تالاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ماھىرلىرى ماھارەت، تېزلىك ۋە ھۇجۇمدا بىر -بىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولغاچقا، پۈتۈن مەيداننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى .

ئاخىردا ئەينەك كوماندىسى 4 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن قەلبداشلار كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى. قەلبداشلار كوماندىسى 6 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولدى.  

ئەينەك كوماندىسى ئىلگىرى ئۇندا ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق چېمپىيون بولالمىغان بولۇپ، بۇ قېتىم تۇنجى بولۇپ چېمپىيون بولغان.

ئەينەك كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغاندىن باشقا، ئەينەك كوماندا ئەزالىرى ئىچىدىن  پاكزات «مۇنەۋۋەر ۋارتا»، كەۋسەر «مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى»، سەردال «مۇنەۋۋەر ياش چولپان» دېگەن نامغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى .

بۇ قېتىملىق «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىگە قاتناشقا 11 كوماندىغا خاتىرە بويۇم تەقدىم قىلىندى.

چېمپىيون بولغان ئەينەك كوماندىسىغا لوڭقا، مېدال ، 10 مىڭ لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى .

ئىككىنچى بولغان قەلبداشلار كوماندىسىغا -لوڭقا، مېدال ، 6000 لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

ئۈچىنچى بولغان ئانا يۇرت كوماندىسىغا لوڭقا، مېدال ، 4000 لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

ئاخىردا «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە تەشۋىقات جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى، ھىرا مائارىپى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىگە خاتىرە بويۇمى ھەدىيە قىلىندى. مەزكۇر جەمئيەت رەھبەرلىرى كوماندا ۋە ماھىرلار ئېرىشكەن مۇكاپات ۋە ھەدىيەلەرنى تارقىتىپ بەردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 5359 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق