تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىدىن بىر گۇرۇپپا يۈسۈپجاننى يوقلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىدىن بىر گۇرۇپپا 20-ئاۋغۇست 2020-يىلى 2-نويابىر ئىستانبۇلدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ يارىلانغان يۈسۈپجاننى يوقلىدى.

زىيارەت ھەيئىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈسۈپجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، روھى ھالىتىمۇ ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، زىيارەت گۇرۇپپىسىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا چىققان. يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن زىيارەت ھەيئىتىمۇ ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

سۆھبەت جەريانىدا يۈسۈپجان زىيارەت ھەيئىتىگە ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ۋە چېقىنىش ئارقىلىق كۈندىن-كۈنگە ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

زىيارەت گۇرۇپپىسى يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولۇۋاتقان ساناتورىيە خادىملىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى 2020-يىلى 2-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدىكى دېنىزكۆشلەر مەھەللىسى ياكاموز كوچىسىدا يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ دوستىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، كەينىدىن تۇيۇقسىز كەلگەن نامەلۇم بىر كىشى تاپانچا بىلەن ئىككى پاي ئوق ئاتقان بولۇپ، قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان.

يۈسۈپجان خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى بىلىدىغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى يۈسۈپجاننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇنى خىتايغا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇ خەلقئارا ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6459 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2023 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق