خىتاي يەنە بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمى بۇ يىل مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، 3-تۈركۈمدە يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش، تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش» نامىدا 1-سېنتەبىر 2023-يىلى 3-تۈركۈمدە ئاتالمىش «قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار» نىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ دەۋا قىلغان تەشكىلاتلار ئىچىدە جۇڭخۇا سەنئەت تەرەققىيات بىرلەشمىسى، دۆلەت مەدەنىيەت-سەنئەت دىپلوماتىيە جەمئىيىتى، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ئىلمىي قۇرۇلۇش تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك تىل-ئەدەبىيات مائارىپى تەتقىقات مەركىزى، جۇڭخۇا پۇشى مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، خىتاي ماتېماتىكا مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى، خىتاي قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش-سېتىۋېلىش جەمئىيىتى، خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پىسخىكا مۇلازىمىتىنى باھالاش مەركىزى ۋە خىتاي مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قاتارلىق ئون ئورۇن بار ئىكەن. خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە خىتاي پۇقرالىرىنى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت يىپ-ئۇچىنى بايقىغان ھامان ئالاقىدار ئورۇنلارغا پاش قىلىشقا چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، تىبەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە تېررور سىياسىتى، تەيۋەن ۋە رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى قىلىۋاتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئىچكى جەھەتتىمۇ قارشىلىققا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمىنىڭ قارشىلىقلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى تاقاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1897 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2023 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق