خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 31-ئاۋغۇستتىن 3-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا 11-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلتايغا خىتايغا يانتاياق بولۇپ كەلگەن، تونۇلغان خىتايپەرەسلەردىن تۈركىيەدىكى سابىر بۇغدا، ئانتاليا خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ماھىنۇر (گۈلى) ۋە ئىزمىر خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭشىن خۇا، ئىستانبۇلدىكى خىتاي بىرلىكسەپ فىرونتى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى چىڭ ۋېي قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، چەت ئەلدىكى خىتايپەرەسلەرنىڭ ئاتالمىش «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش»تا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە رەھمەت ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئانتاليا خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ماھىنۇر (گۈلى) نىڭ يولدىشى خىتاي ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر خەلقى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پاجىئە ۋە باستۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ، يەنىلا ئۆزلىرىنى بۇ مىللەتتىن دەپ ئاتايدىغان بىر قىسىم ماڭقۇرتلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىنىمۇ كۆزگە ئىلماستىن، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىغا بىمالال ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشى ۋە ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈشلىرىنىڭ كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇلارنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار خىتايغا ھەرقانچە سادىقلىق خىزمەت قىلغان تەقدىرىمۇ، ئاقىۋىتىنىڭ ئىلگىرىكى خائىنلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2516 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق