خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان غەرب شىركەتلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى

خىتاي بىلەن غەربنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى بولغان گولدمەن ساچىس خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندىغا مەبلەغ سالغانلىقى سەۋەبلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەبلەغ سېلىش بانكىسى گولدمەن ساچىس خىتاي دۆلەت ئىلىكىدىكى فوندى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان فوندى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى بىر نەچچە شىركەتنى سېتىۋالغان. بۇ شىركەتلەر ئىچىدىكى تور بىخەتەرلىك تىجارەت شىركىتىنىڭ بىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گولدمەننىڭ تىجارەت ئىشلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن بىۋاسىتە مەبلەغنى تەكشۈرۈشى، بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن مەبلەغنى تەكشۈرۈش ۋەزىيىتىنىڭ شامىلىغا دۇچ كەلگەن.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا بۇ فوند ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى بىۋاسىتە بىلىدىغان بىر قانچە كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، گولدمەن ساچىس ۋە خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى مەبلەغ سېلىش شىركىتى 2017-يىلى خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق فوندىنى قۇرغان. بۇ فوند 2 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ توپلىغان بولۇپ، گولدمەن فوندىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىپ، يەتتە شىركەت بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزگەن.

سودا نىشان كۆرسەتكۈچىسى ئىچىدە يەرشارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلايدىغان ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى، بۇلۇت ھېسابلاش مەسلىھەتچىلىكى ئورگىنى، دورا تەكشۈرۈش شىركىتى ۋە سۈنئىي ئىدراك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلنى باتارېيە بىلەن تەمىنلەيدىغان سىستېما ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، گولدمەن ساچىس بۇ سودىنىڭ ھېچبولمىغاندا خىتايدىن كەلگەن دۆلەت مەبلىغى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى ئېيتمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ 2017-يىلى نويابىردا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە گولدمەن ساچىسنىڭ خىتاي-ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق فوندى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى ئامېرىكا سانائەت شىركەتلىرىگە سېلىنىدىكەن.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا بېيجىڭ بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، گولدمەن ساچىس بۇ فوندىنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، 2021-يىلى تۆت قېتىم، بۇلتۇر بىر قېتىم مەبلەغ سالغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئەنگلىيەنىڭ سۈپەت گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت شىركىتى لاۋسون گۇرۇھى ئىكەن. بۇ شىركەتتە خىتاينىڭ مەبلىغى بولغانلىقى سەۋەبلىك، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1908 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2023 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق