خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈشكە باشلىدى

5-سېنتەبىر خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىدا ئۇدا چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي پۇلى بىر كۈن ئىچىدە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراش سەۋەبلىك ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يېتىپ، 7.2938 گە چۈشكەن. گەرچە خىتاي خەلق بانكىسى خىتاي پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق 7.3 خىتاي پۇلىغا 1 دوللار سېتىۋالىدىغان سەۋىيەگە يەنە بىر قېتىم يېقىنلاشقان.

خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېگرا سىرتىدىكى يۈەنمۇ چۈشۈپ 200 نۇقتىغا يېقىنلىشىپ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1 دوللار 7.2958 گە چىققان. 5-سېنتەبىر چەت ئەل مەبلىغى بىر سائەتتە تۆت مىلياردنى بۇزۇپ تاشلاپ، A پايچىكى ۋە خوڭكوڭ پاي چېكىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدىكى خىتاينىڭ تۈر باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى PMI مۇلازىمىتى 51.8 گە يەتكەن بولۇپ، 7-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %2.3 چۈشۈپ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن. تارماق تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا مۇلازىمەت كەسپىدىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ كېڭىيىشى ئاستىلىغان. سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى بۇ يىل كېڭىيىش جەريانىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچىمۇ سەل تۆۋەنلىگەن. تاشقى ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، ئېكسپورت سودىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 8-ئايدا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭى ئېكسپورت زاكاز كۆرسەتكۈچى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ھالقىلىق نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن.

دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە تاشقى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى مۇلازىمەت كەسپى شىركەتلىرىنىڭ ئىشەنچ نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 8-ئايدا سودا مۆلچەر كۆرسەتكۈچى كېڭىيىش نەتىجىسىدە بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2266 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2023 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق