خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى

خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى چېخ پايتەختى پىراگادا ئېچىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى (IPAC) 4-سېنتەبىر پىراگادىكى چېخ پارلامېنت بىناسىدا يىللىق يىغىن چاقىرىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قائىدە-نىزام ئاساسىدىكى خەلقئارالىق تەرتىپكە، يەر شارى تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە كەلتۈرگەن كۆپ خىل خىرىسلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر باشلىقلار يىغىنىدا فىلىپپىن، كېنىيە ۋە پاراگۋاينىڭ پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.

خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى 2020-يىلى 4-ئىيۇن قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنىڭ 31 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې پىراگا باشلىقلار يىغىنىدا يېپىلىش سۆزى قىلغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە بۇ قوللاشنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسى، شۇنداقلا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىنىدا ماقۇللانغان پىراگا خىتابنامىسى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن جىددىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە تايىنىش، خوڭكوڭدا خىتاي قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا بولغان ئەندىشىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتابنامىدە يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىن تارتىپ، تەيۋەننىڭ ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشقىچە بولغان بىر قاتار مۇھىم نۇقتىلار بايان قىلىنغان.

پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى ئەزالار قوبۇل قىلىنىش ئارقىلىق، تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى شەكىللەندۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1934 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2023 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق