خىتاي گەنسۇدىكى تىبەتلەرنىمۇ باستۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى چېن ۋېنچىڭ شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن ئىلگىرى گەنسۇدا زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا رايوندا ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش باستۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

زىمىستان تورىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارالىق كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ 26-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي-قانۇن كومىتېتنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭنىڭ گەنسۇدا قىلغان سۆزلىرى دىققەت قوزغىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چىن ۋېنچىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشتىن بۇرۇن گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئاخىرقى بېكىتى خېزۇ شەھىرى بولغان.

چېن ۋېنچىڭ زىيارەت جەريانىدا گەننەن ئوبلاستىكى ئەمەلدارلارغا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇلاردىن ئاتالمىش «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەر ۋە مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش» ئۈچۈن، بۆلگۈنچىلىك ۋە خۇراپاتلىققا قارشى زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، گەننەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا 400 مىڭدىن ئارتۇق تىبەت ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار شەھەر نوپۇسىنىڭ %57 نى ئىگىلەيدىكەن.

چېن ۋېنچىڭ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئوخشاش گەنسۇدىكى تىبەتلەرنى نىشان قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان. چېن ۋېنچىڭ يەنە گەنسۇنىڭ لىنشيا تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش تەدبىرى»گە قارشى تۇرغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1926 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2023 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق