ئامېرىكا سودا مىنىستىرى: خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا بېجى سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېيموندو سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېيموندو 5-سېنتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا يولغا قويغان تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رېيموندو CNBC مۇخبىرىغا: «تەكشۈرۈش تاماملانغۇچە، مېنىڭچە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ» دېگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى قاچان ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

2018- ۋە 2019-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى سەزگۈر تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. نەتىجىدە خىتاينىڭ تەخمىنەن 370 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىمپورت ماللىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلغانىدى.

رېيموندو سۆزىدە يەنە تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئەسلىدە تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ تۆت يىللىق تەكشۈرۈشتىكى مەقسىتىنىڭمۇ بۇ باجنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رېيموندو سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە خىتاينىڭ كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىش ئادىتىنىڭ ئاللىقاچان ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا زىيان سالغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ سودىدا باراۋەر رىقابەت مەيدانىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رېيموندو يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت پائالىيىتىدە خىتايدا سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا كەيپىياتى ۋە باراۋەر رىقابەت مەيدانى بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا خىتايدىكى قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىكەن. خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى خىتايدا سودا قىلىشىنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2179 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2023 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق