ئەلجەزىرە قانىلىدا ئۇيغۇر بىلەن خىتاي مۇنازىرىلەشتى

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىغا دەل بىر يىل بولغانلىقى ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بولۇپ، 6-سېنتەبىر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق قاناللاردىن ئەلجەزىرە قانىلىدا بۇ ھەقتە بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇيغۇر بىلەن خىتاي مۇنازىرىلەشتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 31-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىغا دەل بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ بىر يىل جەريانىدا ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئىنكاسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى. كۆپلىگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ قاتارىدا ئەلجەزىرە ئەرەبچە قانىلىمۇ بۇ ھەقتە پىروگرامما ئۆتكۈزدى.

پىروگراممىغا تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇدىرى) ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندى ۋە بېيجىڭدىن خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولغان سىياسىي ئانالىزچى ۋە يازغۇچى رۇڭ خۇەن قاتناشقان بولۇپ، رىياسەتچى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتى ھەققىدە ھەر ئىككىيلەندىن سوئال سورىدى.

ئابدۇلۋارىس ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇلتۇر 31-ئاۋغۇست ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئاخىرقى پەيتلەردە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئېلان قىلغان دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەپسۇسكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىلغا ئالغاندەك، خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئانالىزچى بولسا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەتلا تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى سەۋەبلىك يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.

رىياسەتچى بۇنىڭغا جاۋابەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قالپاق بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولىدىغان زىل مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ب د ت ۋە باشقا نوپۇزلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن دۇنياغا تارقالغان رەسىم، سىنلار، ھەتتا خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئېنىق بەلگىلەپ بېرىدىغان رەسمىي ماتېرىياللارنىڭ خىتاي رەسمىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارا تۇرغان بىر ئەھۋالدا خىتاي يەنىلا بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟» دەپ سوئال سورىدى. خىتاي بۇنىڭغىمۇ بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تارقىلىۋاتقان رەسىم ۋە سىنلارنىڭ يالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نى زىيارەت قىلغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئىشەنمەي، ئەمەلىي زىيارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ جار سالدى.

ئابدۇلۋارىس ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان جازا لاگېرى سىياسىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدىن مىليونلىغان كىشىنى سولىغانلىقىنى ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە «جازا لاگېرلىرىدىكى 80 ياشلىق ياشانغانلارنىڭ گۇناھى نېمە ئىدى؟ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ۋە ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەر نامىدىكى بالىلار لاگېرىدا خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان مىليونلىغان سەبىي بالىلارنىڭ گۇناھى نېمە ئىدى؟ خىتاي رېجىمى ئۆزىنى مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ زىيارەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەققىدىكى سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىپ: «شۇنداق، زىيارەتكە ئوچۇق، ئەمما خىتاي مەخسۇس چاقىرغان كىشىلەرگە ئوچۇق. خىتاي ئۇلارنى ئۆزلىرى ئالدىن تەييارلاپ قويغان يالغان سەھنىلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى ۋە دۇنياغا ھەرخىل يوللار بىلەن تارقىلىپ كەتكەن رەسىم ۋە سىنلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي دەۋا قىلغاندەك يالغان ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز تەشۋىقاتچىلىرىنى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ سۆھبەت پىروگراممىلىرىغا چىقىرىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بىر سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇشى كۆپ ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، ئەلجەزىرىگە ئوخشاش خەلقئارالىق قانالنىڭ مەزكۇر پىروگراممىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەندۈرۈشتە، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 11745 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2023 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق