خىتاي ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىنى ئايفون ئىشلىتىشتىن چەكلىدى

ئامېرىكا خىتايغا قارشى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتايمۇ ھۆكۈمەت مەمۇلىرىنى خىزمەت داۋامىدا ئايفون ئىشلىتىشتىن چەكلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرلىرىغا ئالما يانفونى ۋە باشقا چەت ئەل ماركىسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەسلىككە، ئۇلارنى ئىشخانىغا ئېلىپ كىرمەسلىككە بۇيرىغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئورنى ياكى يىغىنلىرىدا بۇ ھەقتە يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بۇيرۇق خىتاينىڭ چەتئەل تېخنىكىسىغا تايىنىشنى ئازايتىش ۋە تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي بۇنىڭدىكى مەقسىتىنى چەت ئەلدىن كىرگەن سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە تارقىلىشىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالما يانفونى خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون بازىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، %19نى ئىگىلەيدىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالما قاتارلىق چەتئەل مەھسۇلات ماركىلىرىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەكلەش مەسىلىسىدە ئالما شىركىتىدىن باشقا تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنى يېڭى قانۇن ۋە تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي رېجىمى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىلغار تېخنىكىدا ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش تىرىشچانلىقى مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناشقا ئۈندىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2010 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق