ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق سەۋەبلىك خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نارازىلىق پارتلىدى

خىتايدىكى ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق يەرلىك مالىيەنى تەۋرەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسى قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، جەمئىيەت غايەت زور مالىيە خىرىسىغا دۇچ كەلگەن. يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مالىيە مەبلىغى، ئۆي-مۈلۈك ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىشلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغان. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي رېجىمى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمىسە، خىتاي ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىق مۇقەررەر ئاشىدىكەن.

يېقىندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەڭ يېڭى نامايىش خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، توردا ئېلان قىلىنغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4-سېنتەبىر شۇ يەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىرى بولغان مېڭجىن 1-ئوتتۇرا مەكتىپى، مېڭجىن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا دائىرىلەرنىڭ مائاشنى كەينىگە سوزغانلىقىغا قارشى سۈكۈتتە تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ سابىق ئاخبارات ۋاسىتىچىسى جاۋ لەنجيەن بۇ ھەقتە «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشچىلار ۋە ئىچكى قىسىمدىن ئالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن، نەق مەيداندىكى كەيپىياتنىڭ بىر قەدەر تىنچ ئىكەنلىكىنى، ساقچىلار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرمىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاۋ لەنجيەن مۇخبىرغا يەنە: «نامايىشتا ھېچكىم شوئار توۋلىمىدى، ھېچكىمدە رادىكال ھەرىكەت كۆرۈلمىدى. ئۇلار خۇددى ئاق قەغەز ئىنقىلابىغا ئوخشاش سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ نامايىش قىلدى. بۇ قارشىلىق خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىقتى. خىتاي ساقچىلىرى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى. نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بارلىق قوراللىق قىسىملار ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى، ھەتتا قوراللىق ساقچى ۋە ئالاھىدە خادىملارغا خەۋەر قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2104 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2023 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق