گېرمانىيە پارلامېنتىدا پارتىيە ھالقىغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

گېرمانىيە پارلامېنتىدا 5-سېنتەبىر 11 ئەزادىن تەركىب تاپقان پارتىيە ھالقىغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدا 5-سېنتەبىر 11 ئەزادىن تەركىب تاپقان پارتىيە ھالقىغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا بېلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە لىبېرال دېموكراتىك پارتىيە ئەزاسى پېتېر ھايد، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەريا تۈرك-ناچباۋۇر ، يېشىللار پارتىيەسىدىن بورىس مىجاتوۋىچ

ۋە پارلامېنت ئەزاسى مايكېل براند قاتارلىقلار «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەن. پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ ئاساسى مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش ئىكەن.

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ رەئىسى، ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى پېتېر ھايد بۇ ھەقتە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مېخانىزمى بىلەن قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، ئىسپات ئاڭلاش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پېتېر ھايد يەنە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بېلەت تاشلاش تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى پارلامېنتقا تاپشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2274 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق