تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 6-سېنتەبىر ئەنقەرەدە زىيارىتىنى باشلىدى.

ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى سابىق رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت ئالدى بىلەن تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نازىف يىلمازنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا نازىف يىلماز ئەپەندىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ھەيئەت ئارقىدىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدا پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەستىجى، مۇئاۋىن رەئىس ماھىر ئالاي ۋە ئەلى كېسەر ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدى.

مۇستافا دەستىجى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئېلىپ كەلمەكتە.

ھەيئەت يەنە يېڭىدىن رەفاھ پارتىيە رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقاننى پارتىيەنىڭ مەركىزىدە زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ھەيئەت ئاخىرىدا دوكتور فاتىھ ئەرباقانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئىسلامىي چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 7069 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2023 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق