تەشكىلاتلار بىرلىكى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارماق ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.

نىككېي ئاسىيانىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەمگەك ئۆلچىمى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كورىننا ۋارگا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردىن يوشۇرۇن دېگۈدەك داۋاملاشقان بۇ زىيارەت خىتاي يەرلىك تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن دۇنيا جامائەت پىكىرىدە شەكىللەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئەمگەك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش پۇرسىتى دەپ قارالغان.

 

خىتاي تاراتقۇلىرى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرىنىڭ زىيارەت نەتىجىسىدە ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جار سالغان بولۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى بۇ زىيارەتنىڭ خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپتىكى كەمسىتىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ۋە تەستىقلانغان خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاقىدار تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، 2005-يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەۋەتىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر يىلى بۇ پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىن نەچچە يۈزمىڭلىغان ياشنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا سېتىۋاتقانلىقى، بۇ سان شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا ۋە پەمىدۇر ئېتىزىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان پەسىللىك ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى تەكىتلىدى.

باياناتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىدىن يىراق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى 2022-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان «زامانىۋى قۇللۇقنىڭ يەرشارى مۆلچەرى: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي نىكاھ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغانلىقى، بۇ يەرلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، لاگېردىن ئايرىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلىقى ۋە كەنتلەردە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دەپ تەرىپلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكەش بىلەن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرى ۋە تەسىرى جەھەتتىن كەمسىتىش ۋە زۇلۇم ئامىللىرى بارلىقى يەكۈنلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «2022-يىلى 12-ئاۋغۇست خىتاي 1930-يىلدا يولغا قويۇلغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى (29-نومۇر) ۋە 1957-يىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسىنى (105-نومۇر) تەستىقلىدى. بۇ ئەھدىنامە ئەزا دۆلەتلەردىن ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە خىتاي رېجىمى بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىغا دائىر ئېغىر گۇمان بار. بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن:

1. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئالدانماي، ئىشەنچلىك مەنبەلەر بىلەن خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى خەۋەردار قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

2. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئەمگەك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى خىتايدىن تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز.

3. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەت شارائىتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى توختىماي كۆزىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن نۇقتىلار تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

 

بۇ خەۋەر 7148 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2023 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق