لىۋىيەدىكى كەلكۈندە 6000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6000 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولماقتا.

لىۋىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-سېنتەبىر يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە پەقەت دەرنە شەھىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىلا  ئالتە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لىۋىيەنىڭ شەرقىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن «دانىيال» ناملىق بوران-چاپقۇن بىنغازى، بەيزا، مەرج، سۇسە ۋە دەرنە شەھەرلىرىدە كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. خەلقئارا  قىزىل كىرېست جەمئىيىتى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 10 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كىملىكى ئېنىقلانغان 1300 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى، كەلكۈندە بەزى ئائىلىلەر پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بولغاچقا كىملىكى ئېنىقلانمىغان نۇرغۇن جەسەتنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنى ھازىرچە دەپنە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا دەرنەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىنىپ: «ھازىرغىچە تېپىلمىغان نۇرغۇن جەسەتلەر بار، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى  ۋە مىسىردىن كەلگەن قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر ئەترەتلىرى كەلكۈن سەۋەبىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن جەسەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا» دېيىلگەن.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىمۇ  قېرىنداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 9232 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2023 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق