خىتاي يەنە بىر تارىخىي مەسچىتىنى مەجبۇرىي چاقتى

خىتاي رېجىمى لەنجۇدىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە شىگۇەن مەسچىتىنى مەجبۇرىي چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خىتاي سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىگۇەن مەسچىتى گەرچە خىتاي بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان بەلگە خاراكتېرلىك مەسچىت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رېجىمى يەنىلا چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شىگۇەن مەسچىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەسچىت بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان ۋە 1687-يىلى قايتا ياسالغان. بۇ مەسچىت ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلامغا قارشى ئىجرا قىلغان تېررور ھەرىكىتىدە پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. 1983-يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قايتا بىنا قىلىنغان.

لەنجۇ شىگۇەن مەسچىتى بىلەن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقىدە تەرجىمانلىق قىلغان لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور تيەن ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 31-ئىيۇل لەنجۇدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان. تېلېفوندا مەكتەپ جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ شىگۇەن مەسچىتىنىڭ چېقىلىشى توغرىسىدا توردا ياكى تور سىرتىدا باھا بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن ھەمدە تەھدىت سېلىپ، مەسچىتنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك سىن، ئاۋازلىق ياكى يازما مەزمۇنلارنى يوللىغانلارغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغانلىقىنى، پېنسىيە تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شىگۇەن مەسچىتىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان لەنجۇدىكى يەنە بىر سابىق ئايال ئوقۇتقۇچى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىگۇەن مەسچىتىنىڭ ئاسانلا قورشاۋغا ئېلىنىپ چېقىلمىغانلىقىنى، لەنجۇ دائىرىلىرى ئۈچ يىل ئىلگىرى شىگۇەن مەسچىتىنى چېقىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى،  ئاھالىلەر، مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋە ئىماملارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى چېقىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ مەسچىتنىڭ لايىھەلىگۈچىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەكتۇپ يازغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار لەنجۇ شەھىرىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ شىگۇەن مەسچىتنىڭ تارىخى ۋە ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانىنى تەكشۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار قارار چىقىرىپ، خەلقئارا بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك، شىگۇەن مەسچىتىنىڭ ھازىرچە چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شىگۇەن مەسچىتىنى مەجبۇرىي چېقىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئەمەلدارى خالىد ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا: «نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاي سىياسىتىگە سۈكۈت قىلماقتا. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى ئارقىلىق خىتايدىن نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ مەنپەئەتىگە ئېرىشتى. كۆپىنچە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى خەلقئارا سەھنىلەردە قوغداشتىكى ئىپادىسىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەرەب پۇقرالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ. ئەمما ئوخشاشلا ئەركىن بولمىغان ئەرەب دۇنياسىدا بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈش تۈرمىدە يېتىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ توردا خىتاينى تەنقىد قىلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2234 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2023 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق