خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن غايىب بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆرۈنمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راھم ئېمانۇئېل يېقىندا X ھېسابىدا يازغان ئۇچۇرىدا: «شى جىنپىڭ گۇرۇھى ‹ھايات قالغۇچى يوق › رومانىغا ئوخشاپ قالدى. ئالدى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ غايىب بولدى، ئاندىن راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى يوقاپ كەتتى. نۆۋەتتە مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆرۈنمىدى. بۇ ئىشسىزلىق مۇسابىقىسىدە كىم غەلىبە قىلىدۇ؟ خىتاي ياشلىرىمۇ ياكى شى جىنپىڭ ئىچكى كابىنېتىمۇ؟» دېگەن ئىپادىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، باش ئەلچىنىڭ سوئاللىرى چەت ئەلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

لى شاڭفۇ بۇ يىل مارتتا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇنى ئىككى قېتىم موسكۋاغا ئەۋەتىپ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرى چىن گاڭنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ئورنى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە ۋاڭ يى كەلتۈرۈلگەنىدى. شى جىنپىڭنىڭ ياش سىردىشى غايىب بولۇشتىن ئىلگىرى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى نامەلۇم بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىدىكى سەۋەب ياكى جىنايىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئارقىدىن راكېتا ئەترىتىنىڭ قوماندانى ۋە سىياسىي كومىسسارىمۇ بىر نەچچە ئاي غايىب بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەمەلدار تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئىلگىرى راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخېمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانىدى.

11-سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لى شاڭفۇنىڭ يوقاپ كېتىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋابەن: «سىز تىلغا ئالغان ئەھۋالنى بىلمەيمەن» دېيىش ئارقىلىق ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1954 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق