خىتاي ئافغانىستانغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىدى

خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىگە تەيىنلىگەن يېڭى ئالاھىدە ئەلچىسى 13-سېنتەبىر كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا باش ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تالىبان ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، تۇنجى بولۇپ كابۇلغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىگەن دۆلەت بولۇپ قالغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستانغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ نورمال ئالمىشىشى بولۇپ، خىتاي-ئافغانىستان دىيالوگى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن.

تالىبان ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «خىتاينىڭ يېڭى باش ئەلچىسى جاۋ شىڭ 2021-يىلى 8-ئايدا تالىبانلار ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئالماشقان تۇنجى باش ئەلچى بولۇپ قالدى» دېگەن.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بىلال كەرىمى باياناتىدا، مۇۋەققەت باش مىنىستىر مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇندنىڭ يېڭى باش ئەلچىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمدا خىتاينىڭ يېڭى ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يەنە چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتە خىتاينىڭ يېڭى باش ئەلچىسى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇند ۋە مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقى قاتارلىق رەھبەرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى سابىق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ 2019-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. كابۇلدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان باشقا دىپلوماتلارمۇ بار بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى تالىبان ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنى ئەۋەتىپ، ساھىبخان دۆلەتكە باش ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسى تاپشۇرماي «ۋاكالەتچى» ئۇنۋانى بىلەن دىپلوماتىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل يېقىنچىلىق قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2446 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2023 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق