خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا يەنە جىددىيچىلىك پەيدا قىلدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتىن ئەتىگەن سائەتكىچە تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا 68 خىتاي ھەربىي ئايروپىلانى ۋە 10 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۆت دانە «SU-30» ۋە 12 دانە «J-10» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان تەيۋەن بوغۇزىدىكى «ئوتتۇرا سىزىق»تىن ئۆتكەن ۋە 16 دانە «J-16» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، ئىككى دانە «KJ-500» تىپلىق ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى، ئىككى دانە «Y-9» تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى، ئۈچ دانە «Y-20» تىپلىق ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ۋە «BZK-005» تىپلىق قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قاراپ ئۇچقان.

مىنىستىرلىق خىتاينىڭ 10 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ، شۇنداقلا غەربىي تىنچ ئوكياندىكى تەيۋەنگە يېقىن جايدا يۈرۈۋاتقان شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكى ۋە «تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى، پاراخوتلار، ئىز قوغلاش ماشىنىسى ۋە قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىقلار بىلەن ۋەزىيەتنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىگەن.

خىتاينىڭ رايوندىكى بۇ ھەرىكىتى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ۋە كانادا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ئارمىيەسى بۇ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ۋە پاراخوتلارنىڭ نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىلەر بويىچە جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2320 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2023 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق