ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلارغا بېرىدىغان تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن چارشەنبە كۈنى ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا بازىرىنىڭ ئەرزان باھالىق خىتاي ماشىنىلىرى بىلەن تولغانلىقىنى ئېيتقان.

لېيېن ياۋروپا پارلامېنتىدا يىللىق نۇتقىدا قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ غايەت زور تولۇقلىما ياردىمى بىلەن باھا سۈنئىي تۆۋەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال بازارنى بۇرمىلايدۇ. بىز بۇ بۇرمىلىنىشنى ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدا قوبۇل قىلمىغىنىمىزدەك، چەت ئەلدىنمۇ قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئەندىشىسىگە قارىماي باشلانغانلىقى ياۋروپالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ خىتاي سانائىتى بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىغا بولغان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئالامىتى دەپ قارالماقتا.

خىتايدا نۇرغۇنلىغان توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ غەرب مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتىنى يوقاتماقتا.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەخمىنەن توققۇز ئاي داۋاملىشىدىغان تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، خىتاي ماركىلىرىدىن %27.5 باج ئېلىنىدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش چاقىرىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تۇنجى قوللاش ياۋروپا ئىتتىپاقى ماشىنا سانائىتىنىڭ تايانچ كۈچى بولغان گېرمانىيەدىن كەلگەن.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت خابېك بۇ تەكشۈرۈشنى جىددىي ئىجرا قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ تولۇقلىمىسى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئەرزان بازارغا كىرگەن خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورېنس بوئون ئىلگىرىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى سەتچىلىكىنى ئەسلەش ئارقىلىق خەتەرنى تەكىتلىگەن ۋە: «بىز تولۇقلىما بىلەن ئەرزان باھادا ياسالغان خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ فىرانسىيە شىركەتلىرىگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرى بولسا تېلېۋىزوردا چالۋاقاپ، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي-ياۋروپا ئىقتىسادى ۋە سودا مۇناسىۋىتىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2114 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2023 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق