ئېلون ماسكنىڭ خىتايپەرەس سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى

تېسلا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئېلون ماسكنىڭ تەيۋەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يان باسقان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئېلون ماسك بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر زىيارەتتە تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى تەرىقىسدە سۈپەتلىگەن بولۇپ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې تەيۋەننىڭ ئېلون ماسكقا رەددىيە بېرىپ: «تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ۋە قەتئىي سېتىلمايدۇ» دېدى.

«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلون ماسك ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە فىلىمى بۇ ھەپتە يۇتيۇب تورىغا يوللانغان باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئىما قىلغان ھالدا «ئۇلارنىڭ سىياسىتى تەيۋەننى خىتاي بىلەن بىرلەشتۈرۈش... ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇنى ھاۋاي ئىشتاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن... تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەندەك ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ماسكنىڭ سۆزلىرى تەيۋەندە غۇلغۇلا قوزغىغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى Xدا ماسكقا خىتاب قىلىپ، X  نىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ماسكنىڭ خىتاينى X نى ئۆز خەلقىگە ئېچىشقا چاقىرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ماسكقا مەسخىرىلىك كىنايە قىلغان ھالدا: «بەلكىم ئۇ چەكلەشنى ياخشى سىياسەت دەپ ئويلىشى مۇمكىن، خۇددى ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ستارلىنكنى تاقىۋەتكەنگە ئوخشاش» دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ۋە قەتئىي سېتىلمايدۇ» دېگەن.

ئۇندىن باشقا ۋولتېر ئايزىكسىننىڭ يېڭى نەشردىن چىققان كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئېلون ماسك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ «ئىككى تەرەپلىك مەسىلە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلايدىغان بۇ سۆزلىرىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2391 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2023 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق