خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن تالاش-تارتىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇداپىئە شىركىتىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى، لوكخىد مارتىن ۋە قاتارلىق ئىككى ئامېرىكا شىركىتىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۇتقان سىياسىتىنى «خاتا ۋە خەتەرلىك يول» دەپ جار سالدى.

ۋاشىنگتون ئاۋغۇستتا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەم بېرىش پىروگراممىسىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بىۋاسىتە ھەربىي ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىغانىدى.

شۇنداقلا بايدېن ئىلگىرى ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تەيۋەننى قوغدامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3114 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2023 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق