خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ بېيجىڭ رېجىمى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى 15-سېنتەبىر «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ بېيجىڭ رېجىمى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە تاشقى سىياسەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ يېڭى داۋالغۇشنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ئەمەلدارى ۋە بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىككى كىشى لى شاڭفۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى يەكۈنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخبارات ساھەسىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ لى شاڭفۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئاقساراي بۇ مەسىلىگە باھا بەرمىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئوخشاشلا لى شاڭفۇ  مەسىلىسىگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

ئىككى ئاي ئىلگىرى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرى، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان قورال ئامبىرىنى نازارەت قىلىدىغان خىتاي ئارمىيەسى راكېتا گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لى شاڭفۇنى تەكشۈرۈشى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئىچىدە ئىجرا قىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي ھەربىي ئىشلار مەسىلىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى دەننىس ۋىلدېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى چىرىكلىك سەۋەبىدىن ئېلىپ تاشلانغان دېيىلسە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تاللاشتىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا يوچۇق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

شى جىنپىڭ گەرچە ئون يىل داۋاملاشقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قىلغان بولسىمۇ، بىراق چىرىكلىك خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلمىسىدا يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ساقلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3118 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2023 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق