ھىندىستان خىتايغا قارشى كۈرەشچى ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى قۇرۇشنى پىلانلىدى

ھىندىستان خىتاينىڭ رايوندىكى تەھدىتىگە قارشى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىزگە جايلاشقان كۈرەشچى ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان شەرقىي لاداخنىڭ نېئوما رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىنى بويلاپ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز كۈرەشچى ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

نېئوما رايونى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شەرقىي لاداخ شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى (LAC) بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 ئىنگلىز مىلى كېلىدىكەن. بۇ يېڭى ئايرودۇرۇم بۇ رايونغا خادىم ۋە ئەشيالارنى تېز توشۇشقا قولايلىق يارىتىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نېئوما دېڭىز يۈزىدىن 13000 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ يەردە توپا ئۇچۇش يولى بار بولۇپ، پەقەت C-130J تىرانسپورت ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۇچۇپ چۈشەلەيدىكەن. ھىندىستان ئارمىيەسى بۇ ئۇچۇش يولىدىن پايدىلىنىپ خىتاي بىلەن بولغان تىركىشىش جەريانىدا خادىم ۋە ماتېرىياللارنى توشۇيدىكەن.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر سابىق ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نىئوما ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى تاكتىكا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت تىك ئۇچار ئايروپىلان C-130J ۋە AN 32 تىرانسپورت ئايروپىلانى ئۇچۇپ چۈشەلەيدىغان توپا ئۇچۇش يولىدىن كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئۇچۇپ چۈشەلەيدىغان ھەربىي ئايرودۇرۇمغا ئۆزگەرتىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى گالۋان ۋادىسى توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدا ھىمالايا تېغىدىن ئۆتىدىغان ئۇل ئەسلىھە مۇسابىقىسىنى قوزغىغان. گالۋان توقۇنۇشىدىن بۇيان، خىتاي 3488 كىلومېتىرلىق ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت تەرىپىدىكى قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن. ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئون يىل داۋاملاشتۇرغان.

يېڭى دېھلىدىكى ھاۋا ئېلېكتىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نېئوما ئايرودۇرۇمى قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى لاداخ رايونىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشتۇر. 2020-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي تىركىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى بازىسىنى زور مەبلەغ بىلەن يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن گالۋان ۋادىسىغا يېقىن (2020-يىلىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي) تىبەتنىڭ رىتۇ ناھىيەسىدىكى پانگۇڭ تسوغا يېقىن جايدا يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى ياسىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2755 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2023 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق