ئەنگلىيە پالاتاسى خىتاي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش قانۇنىنى تەستىقلىدى

ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي بازىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەم قىلغان تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇننى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگلىيەدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى يېڭى قانۇن ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كامېرا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەردى، دەپ ئەيىبلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى چارشەنبە كۈنى يېڭى قانۇن ماقۇللاپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىي بازىلارغا خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنى ئورنىتىشنى چەكلىگەن.

مەزكۇر «سېتىۋېلىش قانۇن لايىھەسى» رەسمىي قانۇن بولۇشتىن ئىلگىرى ئالىي پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە ھەر يىلى قانچىلىغان خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كامېرالارنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى پارلامېنتقا دوكلات قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

خىتاينىڭ خەي كاڭ ۋە جېجياڭ داخۇا تېخنىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى شىركەت ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش كامېرالىرى لوندون شەھەر مەركىزىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئەنگلىيە كابىنېت ئىشخانىسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن خىتاينىڭ خەي كاڭ ۋە جېجياڭ داخۇا تېخنىكىسى ئىشلەپچىقارغان ھەمدە سەزگۈر ئورۇنلارغا ئورنىتىلغان كامېرالارنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىنى مۇستەقىل كۆزىتىش مۇتەخەسسىسى فرازېر سامپسون 2-ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا، ئەنگلىيەدىكى كەم دېگەندە ئۈچتىن بىر قىسىم ساقچىخانىلار خىتاينىڭ خەي كاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كامېرانى ئىشلىتىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەيكاڭ بىلەن داخۇا شىركىتى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ياردەم بەرگەن، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر 2019-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ئورۇنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2626 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2023 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق