خىتاي ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

خىتاي رېجىمى نازارەت ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ تورىنىڭ 15-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ ئورگان يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان سىمسىز رادىيو قوبۇللاش تېرمىنالىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلىدىغان بارلىق ئاپتوموبىللار ۋە ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تېرمىنال ئۈسكۈنىلىرىگە سىمسىز رادىيو قوبۇل قىلىش مودېلى سەپلەش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: «ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى، يۇغۇرۇلما تاراتقۇ مەركەزلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، غوللۇق تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما، ئاساسىي لىنىيە تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاپتوموبىلغا قاچىلايدىغان ئۈن-سىن ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەپ، غوللۇق تاراتقۇلارنىڭ ساداسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك».

ئۇقتۇرۇشتا يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىدىغان تور ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى، پەقەت مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تور ئۈن-سىن يۇمشاق دېتالىنى ئاپتوموبىل سىستېمىسىغا قاچىلىسا بولىدىغانلىقى، قانۇنسىز ئىشلەتكەن، قانۇنسىز پىروگراممىلارنى داۋاملىق ئېنىقلاپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا «رادىيو ئىستانسىسى» قاتارلىق ناملارنى قويۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكى، زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، ئاپتوموبىلغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تور ئۈن-سىن مۇلازىمىتى قىلمىشلىرىنى تۈزەش، خىتاينىڭ ئورگان رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۆز تەشۋىقاتىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەزەلدىن بېرى قانۇن-بەلگىلىمىنى چىقىرىپ ئىجرا قىلغاندا شەرقىي تۈركىستاندا پەرقلىق ھالدا قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، بۇنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2873 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2023 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق