خىتاي يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مائارىپ ساھەسىنى نىشانلىماقتا

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئاساس قىلغان كۆپلىگەن دۆلەتلەردە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا يىغىنغا چاقىرغان خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە يەنە ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا مائارىپ مۇنبىرى ئۆتكۈزدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 15-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «2023-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى. مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قوللاۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە 18 دۆلەتتىكى 56 ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرلىرى تور سىرتىدا ياكى سىنلىق تەرىقىدە سۆز قىلغان. مۇنبەرگە يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ ئاتالمىش «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنىڭ روھى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

يىغىندا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىپەك يولى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشىنى قوللاش، ياشلارنى خىتايغا كېلىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنغان. شۇ كۈنى «2023-يىللىق ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى . مائارىپ خەلقئارا مۇنبىرى ئۈرۈمچى تەشەببۇسى» ئېلان قىلىنغان.

بۇ يىل ماي ئېيىدا خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى زور مىقدارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالانغانىدى. خىتاي رېجىمىنىڭ بۇلارغا ماس ھالدا ئاخبارات، مائارىپ ساھەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى دىققەت قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 8172 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق