ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان مالتادا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان 16-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە مالتادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

ئاقساراي ئېلان قىلغان يىغىن خاتىرىسىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىغىن ئالاقە يولىنى ئوچۇق ساقلاپ قېلىش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

يىغىن خاتىرىسىدە: «ئىككى تەرەپ 2022-يىلى نويابىردا ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاساسەن سەمىمىي، مەسىلىلەرنى ماھىيەتلىك ۋە ئىجابىي مۇزاكىرە قىلدى» دېيىلگەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە يولىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ساھەلەردە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقە ئورنىتىش ۋە كېڭىشىشكە ۋەدە بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جېك سۇلىۋان بىلەن ۋاڭ يىنىڭ كۆرۈشۈشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇچرىشىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان يۇقىرى قاتلاملىق مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى، دېڭىز ئىشلىرى ۋە تاشقى سىياسەت توغرىسىدا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپلىك كېڭەش قىلغان.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇلىۋان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان. ۋاڭ يى بولسا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1898 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2023 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق