ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ قارىي «قىرائىتى كۇبرا ئىجازەتنامىسى»گە ئېرىشتى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «قىرائىتى كۇبرا ئىجازەتنامىسى» تارقىتىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر قارىلارمۇ ئىجازەتنامە ئالدى.

17-سېنتەبىر ئىستانبۇل بۈيۈك چاملىجا جامەسىدە 126 قارىغا «قىرائىتى كۇبرا ئىجازەتنامىسى» تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئىجازەتنامە ئالغان 126 قارىي ئىچىدە ئۇيغۇر قارىيلاردىن يۇسۇف قارىھاجىم، ئابدۇرازاق قارىم ۋە ھۆججەتۇللاھ قارىمنىڭ بولۇشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قارىيلار قۇرئان كەرىمنى 10 خىل قىرائەت ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن بۇ ئىجازەتنامىنى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر ئىجازەتنامىنى 2016-يىلى قۇرۇلغان دارۇلقۇررا فوندى تەسىس قىلغان بولۇپ، فوندىنىڭ ئاساسلىق غايىسى تۈركىيە ۋە دۇنيا مىقياسىدا قىرائەت تەلىم-تەربىيە مائارىپى ۋە تەربىيەلەشكە تۆھپە قوشۇش ھەمدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى قوللاش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 9513 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2023 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق