ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جاسۇسلۇق مەسىلىسى كەسكىنلەشمەكتە

 

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق مەسىلىسى كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كېڭەيتكەن.

سىدنىې ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ گۇئام ۋە ھاۋايدىكى ھەربىي بازىلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كىرگەنىدى.

ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەكۈنلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى شى جىنپىڭغا شارنىڭ مۇساپىسى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن پىلانلانغان سۆھبەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيەدە بولغان. بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن جاسۇسلۇق مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئىقتىدارى توغرىسىدا ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. جاسۇسلۇق رىقابىتى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ خىتاي ھەربىي تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، دەپ قارالغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ رىقابەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى ۋە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا جاسۇس قوبۇل قىلىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتكەن. ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەرنى ساقلاشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلانغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئىچىدە ئالاھىدە ۋاكالەتچى جاسۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىتىش، كېڭەيتىش ئارقىلىق مىڭلىغان خىتاي ئاخبارات خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن جاسۇسلۇق پائالىيىتى يەنە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېڭى مەخپىي ئاڭلاش پونكىتى ۋە مەخپىي ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغاشنى خالىمايدىكەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1630 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2023 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق