خىتاي ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي تېڭىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى تەشكىللىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 11-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى»، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى» (ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ئىشخانىسى) قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ، 26-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى تەشكىللىگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مىليونلىغان سەبىي ئۆسمۈرلەرنى ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايلاشتۇرۇشتىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تىل-يېزىق كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» مائارىپ نازارىتى (ئاپتونوم رايونلۇق تىل ـ يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى) ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» بىلەن بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشتىكى 400 دىن ئارتۇق تاللانغان كىشىنى يىغقان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاتالمىش «خىتاي ئورتاق تىلى ئۆگىنىش ماھىرى»دىن ئون كىشىنى باھالاپ چىقىپ مۇكاپات تارقاتقان.

بۇ نۆۋەتلىك ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى» باشلانغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلاردا تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا دەرس ئۆتكۈچى خادىملار ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىش، ئائىلە بويىچە بىرلىكتە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشكە، ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3785 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2023 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق