خىتاي گېرمانىيە ئەمەلدارىنىڭ شى جىنپىڭنى دىكتاتور دېگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاي دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭغا «سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەكشەنبە كۈنى خىتاي تەرىپىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىنى «ئىنتايىن كۈلكىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي تەرەپ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايېربوكنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنى «سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ: «گېرمانىيە تەرەپنىڭ سۆزى ئىنتايىن كۈلكىلىك، خىتاينىڭ سىياسىي ئوبرازىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى ھەمدە ئوچۇق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى» دەپ جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 14-سېنتەبىر گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا فوكس قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سۆھبەتتە شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان. گەرچە غەربنىڭ جامائەت پىكىرىدە ئادەتتە بىر پارتىيەلىك دۆلەت بولغان خىتاينى «مۇستەبىت» دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى غەرب سىياسىيونلىرى ئادەتتە دۆلەت رەھبىرىگە «مۇستەبىت» دېگەن ئاتالغۇنى ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىدىكەن. شۇنداقتىمۇ بايېربوك شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئىكەن.

بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كالىفورنىيەدىكى بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، شى جىنپىڭنى «مۇستەبىت» دەپ ئاتىغانىدى ۋە ئەتىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوخشاشلا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. 

خىتاي يەنىلا گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە گېرمانىيە بارغانسېرى تاجاۋۇزچىلىق ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن خىتايغا قارشى قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. بۇ يىل 14-ئىيۇلدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى قوللاپ، خىتاينى «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ بېكىتكەن. ئۇندىن باشقا، خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1915 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2023 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق