تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئافغان تۈركمەنلىرىنى تەبرىكلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 18-سېنتەبىر ئافغانىستان تۈركمەنلىرى ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيىتى يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

زىيارەت داۋامىدا جەمئىيەت رەئىسى فەھمى ئىشق ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تەقدىم قىلدى.

تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات، ئۇيۇشما، ۋەقفىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغان تۈركمەنلەر جەمئىيىتىگە يىغىلغان جامائەت تۈركىستان جامائىتىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، بىرلەشمە پائالىيەت قىلىش ۋە ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاخىرىدا كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جەم بولۇپ پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى ئورتاق قىلىش، كۈنتەرتىپنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5517 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2023 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق