ئەردوغان ۋە بايدېن ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ب د ت نىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ب د ت نىڭ 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى كۈنتەرتىپتە تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە دۇنيا رەھبەرلىرىگە قىلغان خىتابىدا، نۆۋەتتىكى ب د ت نىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى بولۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بەش دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان ب د ت رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل ئورگانلارنى تېزدىن قايتا تەشكىللەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «جۇغراپىيەسى ۋە نوپۇسى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر، ئېتىقادلار، مەدەنىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر دۇنياۋى باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن ساقلاپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى، پەلەستىن، سۇرىيە، لىۋىيە، تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىسلاموفوبىيا، قۇتۇپلىشىش، ئايرىمچىلىق، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى، شەرقىي تۈركىستان، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا ئەتراپلىق توختالدى.

ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى پاجىئەلەرنىڭ داۋام قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر تەھدىتنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئالاقىدار پىلانلىرى بار كۈچلەرنىڭ ئىلكىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بېرىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا ياردەملەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سۇرىيە، ئىراق، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرايى كەبىردىكى مەنپەئەتلىرىنى دەپ، دائىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى پىچكا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ رىياكارلىقلىرىدىن زېرىكتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇقتىن ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن ئاغرىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىنىشى ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «1967-يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان مۇستەقىل ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە بىر گەۋدىلەشكەن بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشىشى قىيىن» دېدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە: «ھېچكىمنىڭ نەرسىسىگە كۆز تىكمىدۇق ۋە ۋە ھېچكىمنىڭ بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىغا يول قويمىدۇق ۋە يول قويمايمىز» دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە بۇ دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئەردوغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىدە بولسا، ھەر يىلدىكىدەك خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنىڭ داۋامىدا: «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك تارىخىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋىتىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى داۋاملىق ئىپادىلەپ، ئۇنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

شۇنداقلا ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم بولۇۋاتقان بىر قىسىم زور مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ مىسال قىلىپ ئۆتتى. ئۇ: «دۇنيا جامائىتى جەزمەن تىنچلىقنى ساقلاش، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە ئازاب چېكىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دەردىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ چىقىرىشى لازىم» دېدى ۋە نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ 70 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ب د ت ئەھدىنامىسىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىپ: «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى مەيلى شىنجاڭدا بولسۇن، ياكى تېھراندا بولسۇن بىردەك ئاياغلىشىشى لازىم. ئىنسانلار ئازاب چېكىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تېخىمۇ بىخەتەر، ئاۋات ۋە ئادالەتلىك بولغان بىر دۇنيانى كۆرۈشنى خالايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ھەرقاچان سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.

ۋە سۆزىنىڭ داۋامىدا: «خىتاي ھەققىدە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەكىتلەپ قوياي، بىز ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان رىقابەت بويىچە ئىش كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا بىز توقۇنۇشقا كىرمەيمىز» دېدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئەردوغاننىڭ بۇ يىلقى ب د ت خىتابىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ بولسا ئىنتايىن كەڭ مەنىلىك سىياسىي ئاتالغۇ ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ۋە مۇناسىۋەتلەرگە باغلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ بىردەمدىلا باشقا مەنە ئىپادىلەيدىغان سۆزگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1708 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق