ئامېرىكىدا خىتاينىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى

ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

19-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇغراپىيەلىك سىياسەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىگە بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ شاڭخەيدە ئېلان قىلغان يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە خىتايدىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش چەكلىمىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا 2022-يىلى تەكشۈرۈلگەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كىرىمى ۋە كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

دوكلاتتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا خىتايدىكى سودا ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ نىسبىتى 2018-يىلى %52كە چۈشۈپ قالغان. بۇ شاڭخەيدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 1999-يىلى يىللىق خىتاي سودا دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئۈمىدۋارلىق نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن.

شاڭخەيدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سېئان ستېين: «راستىنى ئېيتقاندا، گەرچە بۇ يىلقى تەكشۈرۈشتە مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش سانلىق مەلۇمات بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۆۋەنلىدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئېرىشىشنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ جەرىمانە قويۇش، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق يولسىزلىقلىرىدىن بىزار بولغان.

بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئۇچۇرنىڭ تارقىتىلىشىنى چەكلىگەن. ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېيموندو خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇنىڭغا خەتەرنىڭ بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا مەبلەغ سالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1608 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق