ئانالىزچىلار: خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ غايىب بولۇشى سىياسىي داۋالغۇشنىڭ ئالامىتى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ ئۈچ ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان غايىب بولۇشى ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ۋەزىپىدىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتايدىكى مەمۇرىي كىرىزىس ۋە سىياسىي داۋالغۇشنىڭ ئىشارەتلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

T24 نىڭ بۈگۈنكى ئانالىز خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئۇزۇن ۋاقىت غايىب بولۇپ، ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسا، ئەمدى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ ئېنىقسىز تەقدىرى داۋاملاشماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە لى شاڭفۇغا قارىتا چىرىكلىك تەكشۈرۈشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە تەكشۈرۈشنىڭ ھەربىي قاتتىق دېتال سېتىۋېلىشتىكى چىرىكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ئارمىيەسى قاتتىق دېتال تەرەققىيات بۆلۈمى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، يەنى لى شاڭفۇ يوقاپ كېتىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش جەريانىدىكى «نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىكەن.

خىتايدا كابىنېت فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئەزا ئىككى مىنىستىرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يوقىتىلىشى «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى جىددىي ھالەت ۋە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى» دەپ ئىزاھلانماقتا.

شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى خىتاي رېجىمىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ نېگىزلىك سىياسەتلىرىنىڭ بىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ رەقىب ۋە ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

لى شاڭفۇ شى جىنپىڭغا ئوخشاشلا ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى كادىرىغا تەۋە بىر ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىل ئارمىيە تۆمۈر يول ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولغان ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەرخىل ھەربىي ۋەزىپىلەردە بولۇپ، ئاخىرى 2023-يىلى 14-نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى لى شاڭفۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى» دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىي ۋە غەيرى ھەربىي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، كۆزدىن يوقىتىلىشى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى قاتارلىق ھادىسىلەر خىتاي رېجىمىدىكى مەمۇرىي كىرىزىس ۋە سىياسىي داۋالغۇشنىڭ ئېنىق ئىشارەتلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1661 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق