خىتاي خوڭكوڭدىكى بارلىق كونسۇلخانىلاردىن يەرلىك خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى بارلىق كونسۇلخانىلارنىڭ يەرلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ت ر ت نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭدىكى بارلىق كونسۇلخانىلارغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىسىغا بۇ ھەقتە خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، خوڭكوڭدىكى چەت ئەل كونسۇلخانىلىرىنىڭ يەرلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەتتىكى سالاھىيىتى، تۇرالغۇ ئادرېسى، كىملىك ​​نومۇرى ۋە ساياھەت ھۆججەت نومۇرى قاتارلىق تىزىملىكلەرنىڭ 18-ئۆكتەبىرگىچە مىنىستىرلىققا سۇنۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

شۇنداقلا خىتاي رېجىمى يەنە كەلگۈسىدە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغان يەرلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1977 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق