خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيەگە باردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى رۇسىيەگە بېرىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى.

دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا ئىككى تەرەپنىڭ رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى باھالىغانلىقى، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىمسىزلىق ۋە جىددىي تاشقى سىياسەت مۇھىتىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە: رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشماي تۇرۇپ، شۇنداقلا رۇسىيە قاتناشماي تۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنلىكى، شۇنداقلا لاۋروفنىڭ ۋاڭ يىغا يېقىندا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ھەققىدە توختالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2253 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق