ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار مەسچىت بىنا قىلىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكىدا تۇنجى مەسچىت بىنا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى جۈمە بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى مۇسۇلمان ئۆلىمالار، مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە ئامېرىكا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەممە كىشى بۇ مەسچىتنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە توپلاش مۇراسىمىغا 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى جەلپ قىلغان. بۇ قېتىملىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەخمىنەن 250 مىڭ دوللار مەبلەغ توپلانغان.

بۇ مەبلەغ بىلەن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ فايرفوكس ناھىيەسىدىن 8000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەر سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى بولىدىكەن.

ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ فايرفوكس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ تۆت ھەيئەت ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان قەيسەر سىيىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولغان ئامېرىكىدا ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن بىنا قىلىش ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

قەيسەر ئەپەندى بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ مۇقەددەس ئورۇن بولغان ئىسلام مەركىزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد، مەنىۋى ئىتتىپاقلىقنىڭ مەشئىلى بولغۇسى» دېگەن.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 2022-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ فايرفوكس ناھىيەسىدە ئىككى قەۋەتلىك بىنانى ئىجارىگە ئېلىپ ئىش باشلىغان.

قەيسەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنى ناھايىتى قوللايدىكەن ۋە بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇن پىروگراممىلارنى يولغا قويغانىكەن. ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى 2022-يىلدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق ئىئانە توپلاشنى باشلىغاندىن بۇيان تەخمىنەن 450 مىڭ دوللار مەبلەغ توپلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2564 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق