تەشكىلاتلار بىرلىكى تور دۇنياسىدىكى يالغان خەۋەرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچىيىۋاتقان تۆھمەت ۋە ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىملىكى نامەلۇم بەزى ھېسابلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن 30 دۆلەتتىن مۇھىم شەخسلەر قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق بىر يىغىننىڭ ھارپىسىدا، مەقسەتلىك ھالەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە رەئىسىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا تۆھمەت، ھاقارەت ۋە ھەجۋىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسلۇبلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنماقتا. خەلقىمىز خەۋەردار بولغىنىدەك، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى، رەئىسىمىز ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى شەخسلەر ھەر ۋاقىت شەخسىي ھاياتتا، تەشكىلىي ھەرىكەتلەردە ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردە ئىسلامىي ئەخلاقنى، قانۇنىيلىقنى ۋە راستچىللىقنى ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىپ كەلمەكتە.

بىرلىكىمىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مۇستەقىللىق پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان ھالدا، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسى ۋە ئۈمىدىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈچلۈك ۋە بىخەتەر مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بىرلىكىمىز تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە ئېرىشىشى ۋە ئوقۇش، خىزمەت، داۋالىنىش ۋە ساياھەت قاتارلىق تەرەپلىرىدە كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، تۈركىيە دۆلىتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن يېقىن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، دۆلەت نەزىرىدە قانۇنلۇق، نوپۇزلۇق ۋە كۈچلۈك بىر تەشكىلاتتۇر.

بىرلىكىمىزنىڭ رەئىسى ۋە ئالاقىدار شەخسلەر ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەر پۈتۈنلەي يالغان. مەزكۇر ھېسابلار ۋە تارقاتقۇچىلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن، بىرلىكىمىزنىڭ ئادۋوكاتلىرى كېرەكلىك قەدەملەرنى ئېلىۋاتىدۇ. بىرلىكىمىز خەلقىمىزنى بۇ تۈردىكى تۆھمەت ۋە يالغان خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىككە ۋە رەت قىلىشقا چاقىرىدۇ».

بۇ خەۋەر 5995 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2023 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق