بايدېن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، تاراتقۇلاردا كەڭ دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 19-سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يانداش پائالىيەتلىرى جەريانىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بايدېن سۆھبەتتە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تارىخىي پەيتكە توغرا كەلگەن ئۇچرىشىش، دەپ ئاتىغان.

بۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت رەئىسى دەرىجىسىدىكى ئۇچرىشىش بولۇپ، بايدېن ئۇچرىشىشتا يەنە: «بۈگۈن بىز ھەمكارلىقىمىزنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرمەكتىمىز. بۇ تىرىشچانلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەبلىغىنى كۆپەيتىش، ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي تارماقلىرى بىلەن بولغان يېڭى سودا ئالاقىسى ۋە يېڭى كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردىكى دىيالوگىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالتە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، بايدېن تاراتقۇلارغا سۆھبەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئەمما بەش دۆلەت رەھبىرى ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.

تەھلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بالدۇرراق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ سابىق ئالىي ئەمەلدارى ئېرىك گرېن (Eric Green) ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۆزبېك تىلى بۆلۈمىگە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى رايوندىكى دۆلەتلەردە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتىدىن تەڭشەشنى ئويلىنىشقا ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن رايوندا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئالىقىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر ساھەدە جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ بىخەتەر پاناھ جاي بولۇشتىن ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم رايوندا خىتاينىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچلىنىشىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى كۆپلەپ تەكىتلەنمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2228 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2023 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق