ياپونىيە خىتاينى تالاش-تارتىشلىق ئارال يېنىدىكى لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشكە چاقىردى

ياپونىيە خىتايدىن تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرغان لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە خىتايدىن تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرغان لەيلىمە بەلگىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، توكيو بۇ لەيلىمە بەلگىنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون ئىچىدە بايقالغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوكىناۋانىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 190 دېڭىز مىلى كېلىدىغان بۇ ئارال ۋە خادا تاشلار تىزمىسى 1895-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، ئەمما تەيۋەن تەرەپمۇ بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا: «ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 7-ئايدا بۇ لەيلىمە بەلگىنى بايقىغاندىن بۇيان. بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدۇق» دېگەن. بۇ ئەمەلدار يەنە: «بۇ ھەرىكەت خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تەرەپنى دەرھال بۇ بەلگىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 2018-يىلى ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا ئوخشاشلا لەيلىمە بەلگە قويغان. بۇ مەزگىلدە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى خىتاينى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى رايونلارغا بېسىپ كىردى، دەپ ئەيىبلىگەن. 2020-يىلى 4-ئايدىن 8-ئايغىچە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايدا ئۇدا 111 كۈن ھەرىكەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ زوراۋانلىق قىلغان بولۇپ، فىلىپپىن خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

سېنكاكۇ تاقىم ئارىلى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە داۋاملاشقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئارالدا مول مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2708 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2023 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق