خىتاي گاللىي ۋە گېرمانىي ئېكسپورتىنى چەكلەپ زىيانغا ئۇچرىدى

خىتاي ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ گاللىي ۋە گېرمانىي ئېكسپورت چەكلىمىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئېكسپورتى نۆلگە چۈشۈپ قالغاندىن باشقا، ئامبار زاپىسىمۇ مال باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ گاللىي ۋە گېرمانىيغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارغا ئېكسپورت كونترول قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغان. خىتاي تاموژنىسى 20-سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاينىڭ چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىدىن گاللىي ۋە گېرمانىينىڭ ئېكسپورت مىقدارى ۋە باھاسى 7-ئاينىڭ بېشىدا ئۆسكەن، ئەمما 8-ئايغا كەلگەندە رەسمىي كونترول قىلىش باشلانغاندىن كېيىنلا، ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلەپ مال باھاسىمۇ چۈشكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئايدا گاللىي ۋە گېرمانىي مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن ئېكسپورت قىلمىغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەلدىكى سېتىۋالغۇچىلار چەكلىمە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن مالنى تالىشىپ سېتىۋالغان بولغاچقا، 7-ئايدىكى گېرمانىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 8.63 توننىغا يېتىپ 6-ئايدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان. ئوخشاشلا 8-ئايدا گاللىي ئېكسپورت مىقدارى نۆلگە چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا گاللىي ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %58 تۆۋەنلىگەن.

خىتاي رېجىمى چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن گاللىي ۋە گېرمانىي مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغۇچىلار ھازىر قوش ئىشلىتىش تۈرى ۋە تېخنىكىسىنىڭ ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى ئېلىشى كېرەك بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۇلارغا ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بېرىدىكەن.

خىتايدىكى گېرمانىي سودىگىرى ۋە گېرمانىي ئىشلەپچىقارغۇچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئىجازەتنامە ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 45 كۈن كېتىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا چەتئەلگە مال ساتمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ئىجازەتنامە بېرىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، گاللىينىڭ نەق مال باھاسى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا %9 تۆۋەنلىگەن. ئوخشاش مەزگىلدىكى گېرمانىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئاران %1 ئۆسكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى خىل مېتال گاللىي ۋە گېرمانىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مۇھىم مىنېرال ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي بۇ ئىككى مىنېرال ماددىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزىنى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماددىنى مۇتلەق مونوپول قىلالمايدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ گاللىينىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قايتا يولغا قويۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە گاللىي ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قايتا قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2716 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2023 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق